ئۇيغۇرچە
Surah نازىئات - Aya count 46
وَالنَّازِعَاتِ غَرْقًا
( 1 ) (كۇففارلارنىڭ جانلىرىنى) قاتتىق تارتىپ ئالغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى،
وَالنَّاشِطَاتِ نَشْطًا
( 2 ) (مۆمىنلەرنىڭ جانلىرىنى) سىلىق ئالغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى،
وَالسَّابِحَاتِ سَبْحًا
( 3 ) (اﷲ نىڭ ئەمرىنى ئاسماندىن) تېز ئېلىپ چۈشكۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى،
فَالسَّابِقَاتِ سَبْقًا
( 4 ) (مۆمىنلەرنىڭ جانلىرىنى ئېلىپ جەننەتكە) ئىلگىرلىگۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى،
فَالْمُدَبِّرَاتِ أَمْرًا
( 5 ) (اﷲ نىڭ ئەمرى بىلەن) كائىناتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى، (سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر، سىلەردىن چوقۇم ھېساب ئېلىنىدۇ)
يَوْمَ تَرْجُفُ الرَّاجِفَةُ
( 6 ) بۇ كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دە زېمىن (ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەر قوشۇلۇپ) تەۋرەيدۇ
تَتْبَعُهَا الرَّادِفَةُ
( 7 ) ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا ئاسمان (ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەر قوشۇلۇپ) تەۋرەيدۇ
قُلُوبٌ يَوْمَئِذٍ وَاجِفَةٌ
( 8 ) بۇ كۈندە دىللارنى (يەنى كۇففارلارنىڭ دىللىرىنى) قورقۇنچ باسىدۇ
أَبْصَارُهَا خَاشِعَةٌ
( 9 ) شۇ (دىللارنىڭ ئىگىلىرىنىڭ) كۆزلىرى (قورقۇنچتىن) تىكىلىپ قارىيالمايدۇ
يَقُولُونَ أَإِنَّا لَمَرْدُودُونَ فِي الْحَافِرَةِ
( 10 ) ئۇلار ئېيتىدۇ: «راستلا بىز ئاۋۋالقى ھالىمىزغا قايتۇرۇلامدۇق؟ (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلەمدۇق؟)
أَإِذَا كُنَّا عِظَامًا نَّخِرَةً
( 11 ) ئۇ بىزنىڭ چىرىگەن سۆڭەك بولۇپ قالغان ۋاقتىمىز ئەمەسمۇ؟»
قَالُوا تِلْكَ إِذًا كَرَّةٌ خَاسِرَةٌ
( 12 ) ئۇلار ئېيتتى: «ئۇنداق بولىدىغان بولسا، بۇ (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش) زىيانلىق قايتىشتۇر (يەنى بىز ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىدىغان بولساق، دوزاخ ئەھلى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن زىيان تارتقۇچىلارمىز)»
فَإِنَّمَا هِيَ زَجْرَةٌ وَاحِدَةٌ
( 13 ) بىر سەيھە (يەنى ئىسراپىلنىڭ سۇر چېلىشى) بىلەنلا ئۇلار (يەنى جىمى خالايىق) (يەر ئاستىدىن) زېمىننىڭ ئۈستىگە چىقىپ قالىدۇ
فَإِذَا هُم بِالسَّاهِرَةِ
( 14 ) بىر سەيھە (يەنى ئىسراپىلنىڭ سۇر چېلىشى) بىلەنلا ئۇلار (يەنى جىمى خالايىق) (يەر ئاستىدىن) زېمىننىڭ ئۈستىگە چىقىپ قالىدۇ
هَلْ أَتَاكَ حَدِيثُ مُوسَىٰ
( 15 ) ساڭا مۇسانىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟
إِذْ نَادَاهُ رَبُّهُ بِالْوَادِ الْمُقَدَّسِ طُوًى
( 16 ) ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى پەرۋەردىگارى تۇۋا ناملىق مۇقەددەس ۋادىدا (مۇنداق دەپ) چاقىردى:
اذْهَبْ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ إِنَّهُ طَغَىٰ
( 17 ) «سەن پىرئەۋننىڭ قېشىغا بارغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى
فَقُلْ هَل لَّكَ إِلَىٰ أَن تَزَكَّىٰ
( 18 ) ئۇنىڭغا: (كۇفرىدىن ۋە گۇناھلاردىن) پاك بولۇشنى خالامسەن
وَأَهْدِيَكَ إِلَىٰ رَبِّكَ فَتَخْشَىٰ
( 19 ) سېنى پەرۋەردىگارىمنى تونۇشقا يېتەكلىشىمنى خالامسەن؟ (ئۇنى تونۇساڭ پەرۋەردىگارىڭدىن) قورقىسەن - دە، (ياخشى ئەمەللەرنى قىلىسەن)، دېگىن»
فَأَرَاهُ الْآيَةَ الْكُبْرَىٰ
( 20 ) مۇسا پىرئەۋنگە چوڭ مۆجىزىنى كۆرسەتتى
فَكَذَّبَ وَعَصَىٰ
( 21 ) پىرئەۋن (اﷲ نىڭ پەيغەمبىرى مۇسانى) ئىنكار قىلدى ۋە (اﷲ نىڭ ئەمرىگە) ئاسىيلىق قىلدى
ثُمَّ أَدْبَرَ يَسْعَىٰ
( 22 ) ئاندىن پىرئەۋن (مۇسادىن) يۈز ئۆرۈپ (ھىيلە - مىكىر ئىشلىتىشكە) كىرىشتى
فَحَشَرَ فَنَادَىٰ
( 23 ) (ئۇ سېھرىگەرلەرنى، ئەسكەرلىرىنى، تەۋەلىرىنى) توپلىدى ھەم نىدا قىلىپ
فَقَالَ أَنَا رَبُّكُمُ الْأَعْلَىٰ
( 24 ) دېدى: «مەن سىلەرنىڭ بۈيۈك پەرۋەردىگارىڭلار بولىمەن»
فَأَخَذَهُ اللَّهُ نَكَالَ الْآخِرَةِ وَالْأُولَىٰ
( 25 ) اﷲ ئۇنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئازابى بىلەن جازالىدى
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَعِبْرَةً لِّمَن يَخْشَىٰ
( 26 ) شەك - شۈبھىسىزكى، اﷲ تىن قورقىدىغانلار بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالىدۇ
أَأَنتُمْ أَشَدُّ خَلْقًا أَمِ السَّمَاءُ ۚ بَنَاهَا
( 27 ) سىلەرنى يارىتىش مۈشكۈلمۇ؟ ياكى ئاسماننى يارىتىش مۈشكۈلمۇ؟ اﷲ ئاسماننى ياراتتى
رَفَعَ سَمْكَهَا فَسَوَّاهَا
( 28 ) ئۇنىڭ ئېگىزلىكىنى يۈكسەك قىلدى ۋە كەم - كۈتىسىز قىلدى
وَأَغْطَشَ لَيْلَهَا وَأَخْرَجَ ضُحَاهَا
( 29 ) ئۇنىڭ كېچىسىنى قاپقاراڭغۇ، كۈندۈزىنى يوپيورۇق قىلدى
وَالْأَرْضَ بَعْدَ ذَٰلِكَ دَحَاهَا
( 30 ) شۇنىڭدىن كېيىن زېمىننى (ئەھلى زېمىننىڭ تۇرۇشىغا لايىق قىلىپ) يايدى
أَخْرَجَ مِنْهَا مَاءَهَا وَمَرْعَاهَا
( 31 ) زېمىندىن بۇلاقلارنى ئاقتۇردى، ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردى
وَالْجِبَالَ أَرْسَاهَا
( 32 ) تاغلارنى (زېمىندا) مۇقىم قىلدى
مَتَاعًا لَّكُمْ وَلِأَنْعَامِكُمْ
( 33 ) اﷲ تائالا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن (ياراتتى)
فَإِذَا جَاءَتِ الطَّامَّةُ الْكُبْرَىٰ
( 34 ) قىيامەت كەلگەندە،
يَوْمَ يَتَذَكَّرُ الْإِنسَانُ مَا سَعَىٰ
( 35 ) (شۇ) كۈندە ئىنسان (ياخشى - يامان) قىلمىشلىرىنى ئەسلەيدۇ
وَبُرِّزَتِ الْجَحِيمُ لِمَن يَرَىٰ
( 36 ) قارىغۇچىلارغا جەھەننەم ئوچۇق كۆرسىتىلىدۇ
فَأَمَّا مَن طَغَىٰ
( 37 ) كىمكى (كۇفرىدا، گۇناھتا) چېكىدىن ئاشىدىكەن،
وَآثَرَ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا
( 38 ) دۇنيا تىرىكچىلىكىنى (ئاخىرەتتىن) ئارتۇق كۆرىدىكەن،
فَإِنَّ الْجَحِيمَ هِيَ الْمَأْوَىٰ
( 39 ) ئۇنىڭ جايى ھەقىقەتەن جەھەننەم بولىدۇ
وَأَمَّا مَنْ خَافَ مَقَامَ رَبِّهِ وَنَهَى النَّفْسَ عَنِ الْهَوَىٰ
( 40 ) پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا (سوراققا تارتىلىشتىن) قورقىدىغان، ئۆزىنى نەپسى خاھىشىغا بېرىلىشتىن (يەنى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) چەكلىگەن ئادەمگە كەلسەك،
فَإِنَّ الْجَنَّةَ هِيَ الْمَأْوَىٰ
( 41 ) ھەقىقەتەن ئۇنىڭ جايى جەننەت بولىدۇ
يَسْأَلُونَكَ عَنِ السَّاعَةِ أَيَّانَ مُرْسَاهَا
( 42 ) ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ
فِيمَ أَنتَ مِن ذِكْرَاهَا
( 43 ) سەن ئۇنى قانداقمۇ بايان قىلىپ بېرەلەيسەن؟
إِلَىٰ رَبِّكَ مُنتَهَاهَا
( 44 ) ئۇنى بىلىش پەرۋەردىگارىڭغا خاستۇر
إِنَّمَا أَنتَ مُنذِرُ مَن يَخْشَاهَا
( 45 ) سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت قىيامەتتىن قورقىدىغان ئادەمنى ئاگاھلاندۇرۇشتۇر
كَأَنَّهُمْ يَوْمَ يَرَوْنَهَا لَمْ يَلْبَثُوا إِلَّا عَشِيَّةً أَوْ ضُحَاهَا
( 46 ) ئۇلار قىيامەتنى كۆرگەن كۈندە، گويا ئۆزلىرىنى (دۇنيادا) پەقەت بىر كەچقۇرۇن ياكى بىر ئەتىگەن تۇرغاندەك (گۇمان قىلىدۇ)