ئۇيغۇرچە
Surah ئەئلا - Aya count 19
سَبِّحِ اسْمَ رَبِّكَ الْأَعْلَى
( 1 ) ھەممىدىن ئۈستۈن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى پاك ئېتىقاد قىلغىن
الَّذِي خَلَقَ فَسَوَّىٰ
( 2 ) ئۇ (پۈتۈن مەخلۇقاتنى) ياراتتى، (ئۇلارنى) بېجىرىم (يەنى چىرايلىق ۋە مۇناسىپ شەكىلدە) قىلدى
وَالَّذِي قَدَّرَ فَهَدَىٰ
( 3 ) مەخلۇقاتقا پايدىلىق ئىشلارنى (تەقدىر قىلدى، ئۇلارغا پايدىلىنىش يوللىرىنى) كۆرسەتتى
وَالَّذِي أَخْرَجَ الْمَرْعَىٰ
( 4 ) ئوت - چۆپلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى
فَجَعَلَهُ غُثَاءً أَحْوَىٰ
( 5 ) ئاندىن ئۇلارنى قارامتۇل قۇرۇق ئوت - خەسكە ئايلاندۇردى
سَنُقْرِئُكَ فَلَا تَنسَىٰ
( 6 ) (ئى مۇھەممەد!) ساڭا (قۇرئاننى) ئوقۇتىمىز، اﷲ (نەسخى) قىلماقچى بولغان نەرسىدىن باشقىنى ئۇنتۇمايسەن. اﷲ (بەندىلەرنىڭ) ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن (سۆز - ھەرىكەتلىرىنى) بىلىپ تۇرىدۇ
إِلَّا مَا شَاءَ اللَّهُ ۚ إِنَّهُ يَعْلَمُ الْجَهْرَ وَمَا يَخْفَىٰ
( 7 ) (ئى مۇھەممەد!) ساڭا (قۇرئاننى) ئوقۇتىمىز، اﷲ (نەسخى) قىلماقچى بولغان نەرسىدىن باشقىنى ئۇنتۇمايسەن. اﷲ (بەندىلەرنىڭ) ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن (سۆز - ھەرىكەتلىرىنى) بىلىپ تۇرىدۇ
وَنُيَسِّرُكَ لِلْيُسْرَىٰ
( 8 ) سېنى بىز ئاسان يولغا (يەنى ئىسلام شەرىئىتىگە) مۇۋەپپەق قىلىمىز
فَذَكِّرْ إِن نَّفَعَتِ الذِّكْرَىٰ
( 9 ) ۋەز - نەسىھەت پايدىلىق بولىدىغان بولسا، (كىشىلەرگە قۇرئان بىلەن) ۋەز - نەسىھەت قىلغىن
سَيَذَّكَّرُ مَن يَخْشَىٰ
( 10 ) اﷲ تىن (قورققان) ئادەم ۋەز - نەسىھەتنى قوبۇل قىلىدۇ
وَيَتَجَنَّبُهَا الْأَشْقَى
( 11 ) ئەڭ شەقى ئادەم ۋەز - نەسىھەتتىن قاچىدۇ
الَّذِي يَصْلَى النَّارَ الْكُبْرَىٰ
( 12 ) ئۇ كاتتا ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ
ثُمَّ لَا يَمُوتُ فِيهَا وَلَا يَحْيَىٰ
( 13 ) ئاندىن ئۇ ئوتتا ئۆلمەيدۇ ۋە (ئوبدان) ياشىمايدۇ
قَدْ أَفْلَحَ مَن تَزَكَّىٰ
( 14 ) (كۇفرىدىن ۋە گۇناھتىن) پاك بولغان ئادەم مەقسىتىگە يەتتى
وَذَكَرَ اسْمَ رَبِّهِ فَصَلَّىٰ
( 15 ) ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ نامىنى ياد ئەتتى، ئاندىن ناماز ئوقۇدى
بَلْ تُؤْثِرُونَ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا
( 16 ) سىلەر دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئارتۇق كۆرىسىلەر
وَالْآخِرَةُ خَيْرٌ وَأَبْقَىٰ
( 17 ) ئاخىرەت ياخشىدۇر ۋە باقىيدۇر
إِنَّ هَٰذَا لَفِي الصُّحُفِ الْأُولَىٰ
( 18 ) بۇ (يەنى بۇ سۈرىدىكى ۋەزلەر) شەك - شۈبھىسىز بۇرۇنقى كىتابلاردا - ئىبراھىم ۋە مۇسالارنىڭ كىتابلىرىدا باردۇر
صُحُفِ إِبْرَاهِيمَ وَمُوسَىٰ
( 19 ) بۇ (يەنى بۇ سۈرىدىكى ۋەزلەر) شەك - شۈبھىسىز بۇرۇنقى كىتابلاردا - ئىبراھىم ۋە مۇسالارنىڭ كىتابلىرىدا باردۇر