ئۇيغۇرچە
Surah ئەلەق - Aya count 19
اقْرَأْ بِاسْمِ رَبِّكَ الَّذِي خَلَقَ
( 1 ) ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن
خَلَقَ الْإِنسَانَ مِنْ عَلَقٍ
( 2 ) ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى
اقْرَأْ وَرَبُّكَ الْأَكْرَمُ
( 3 ) ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر
الَّذِي عَلَّمَ بِالْقَلَمِ
( 4 ) ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى
عَلَّمَ الْإِنسَانَ مَا لَمْ يَعْلَمْ
( 5 ) ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى
كَلَّا إِنَّ الْإِنسَانَ لَيَطْغَىٰ
( 6 ) شەك - شۈبھىسىز ئىنسان ئۆزىنى باي ساناپ (اﷲ قا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ)، راستلا ھەددىدىن ئاشىدۇ
أَن رَّآهُ اسْتَغْنَىٰ
( 7 ) شەك - شۈبھىسىز ئىنسان ئۆزىنى باي ساناپ (اﷲ قا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ)، راستلا ھەددىدىن ئاشىدۇ
إِنَّ إِلَىٰ رَبِّكَ الرُّجْعَىٰ
( 8 ) (ئى ئىنسان!) بارىدىغان يېرىڭ پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر (قىلمىشىڭغا قاراپ جازاغا ياكى مۇكاپاتقا ئېرىشىسەن)
أَرَأَيْتَ الَّذِي يَنْهَىٰ
( 9 ) ناماز ئوقۇۋاتقان بەندىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) توسقان ئادەمنىڭ (ھالىنى) ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟
عَبْدًا إِذَا صَلَّىٰ
( 10 ) ناماز ئوقۇۋاتقان بەندىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) توسقان ئادەمنىڭ (ھالىنى) ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟
أَرَأَيْتَ إِن كَانَ عَلَى الْهُدَىٰ
( 11 ) ماڭا (ئۇنىڭ ھالىنى) ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (ھەددىدىن ئاشقۇچى) (نامازنى توسۇشنىڭ ئورنىغا) توغرا يولدا بولغان بولسا،
أَوْ أَمَرَ بِالتَّقْوَىٰ
( 12 ) ياكى تەقۋادارلىققا ئەمر قىلغان بولسا (بۇ ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ياخشى بولماسمىدى؟)
أَرَأَيْتَ إِن كَذَّبَ وَتَوَلَّىٰ
( 13 ) ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (قۇرئاننى) ئىنكار قىلسا، ئىماندىن (يۈز ئۆرۈسە)،
أَلَمْ يَعْلَم بِأَنَّ اللَّهَ يَرَىٰ
( 14 ) اﷲ نىڭ (ئۇنى) كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟
كَلَّا لَئِن لَّمْ يَنتَهِ لَنَسْفَعًا بِالنَّاصِيَةِ
( 15 ) ئۇ گۇمراھلىقتىن يانسۇن، ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن - يالغانچى گۇناھكارنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ (جەھەننەمگە) سۆرەيمىز
نَاصِيَةٍ كَاذِبَةٍ خَاطِئَةٍ
( 16 ) ئۇ گۇمراھلىقتىن يانسۇن، ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن - يالغانچى گۇناھكارنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ (جەھەننەمگە) سۆرەيمىز
فَلْيَدْعُ نَادِيَهُ
( 17 ) ئۇ ئۆزىنىڭ سورۇنداشلىرىنى ياردەمگە چاقىرسۇن!
سَنَدْعُ الزَّبَانِيَةَ
( 18 ) بىز زابانىيىلەر (يەنى جەھەننەمنىڭ كۈچلۈك - قاتتىق قول پەرىشتىلىرى) نى چاقىرىمىز
كَلَّا لَا تُطِعْهُ وَاسْجُدْ وَاقْتَرِب ۩
( 19 ) (بۇ فاجىر گۇمراھلىقتىن) يانسۇن! ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىغىن، (اﷲ قا) سەجدە قىلغىن (شۇنىڭ بىلەن اﷲ قا) يېقىنلىق ھاسىل قىلغىن